قازاقىستان «گۈلەنچىلەر» گە چېتىشلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتىن ھەيدەيدۇ
2016.08.06
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەب تايىب ئەردوغان بىلەن 5 - ئاۋغۇست كۈنى سۆھبەتلەشكەن ھەمدە ئالاقىدار كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغان. سۆھبەتتە نۇرسۇلتان نەزەربايېف قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلەنچىلەرگە چېتىشلىق ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن ۋە چېگرادىن ھەيدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىي تىل ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادا گۈلەنچىلەرنىڭ تەسىرى مۇئەييەن ساندا مەۋجۇت بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا گۈلەنچىلەرنى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش قەستىدە بولۇپ كەلمەكتە، دەپ ئەيىبلەيدۇ. نەزەربايېف بۇ ھەقتە توختىلىپ «بىز تۈركىيەگە قارشى ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقمايمىز. چۈنكى ئوتتۇرىمىزدا كېلىشىملەر مەۋجۇت» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان تەۋەسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېچىلغان نۇرغۇن ساندا مەكتەپلەر بولۇپ، نەزەربايېف بۇلاردىن گۈلەنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارالغان ئوتتۇز نەچچە مەكتەپنى تاقايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تۈركىيەدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن گۈلەنچىلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىرىنى چېگرادىن ھەيدەپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى قازاقىستان تەۋەسىدىكى گۈلەنچىلەرنىڭ تەسىرىدىكى مەكتەپلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ خىلدىكى مەكتەپلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.









