قەشقەر رايونىدىكى پورت سودىسىنىڭ ئاشقانلىقى گۇمان قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 1-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى سېنتەبىرگە قەدەر قەشقەر ئۇنىۋېرسال پورت رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا مىقدارى 16 مىليارد سوم (2.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) دىن ئاشقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11 ھەسسە كۆپەيگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەردىكى «بەش سودا ئېغىزى سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان» بولۇپ، ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا بىۋاسىتە تۇتىشىشتەك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن زور جەلپكارلىققا ئىگە بولغان. شۇنىڭدەك بىر قاتار «ئېتىبار بېرىش» سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن نەچچە يۈز خىتاي شىركىتى بۇ جايدا ئىش باشلىغان. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا باغلىنىشلىق بولغان بىر قاتار سودا پائالىيەتلىرى قەشقەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا قارىتا بەزى ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا تاۋار ئېكسپورت قىلىشى ئېغىر چەكلىمىگە ۋە تەسىرگە ئۇچرىغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ 2022-يىلى سېنتەبىردە بۇ ھەقتە تەكلىپ سۇنۇپ «بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىشىمىز لازىم» دېگەنىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت مىقدارىنىڭ «تېز سۈرئەتتە ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقىتىشقا باشلىغانىدى.