خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە «قىشلىق ئوپېراتسىيە» بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.10

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى يىلنىڭ ئالدى ۋە چاغان بايرىمى ھارپىسىدا باشلىغان «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايون مىقياسىدا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى تەشۋىقاتىنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» 10-يانۋاردىن باشلاپ «دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى» «ئانار سەھىپىسى» تەسىس قىلغان. بۇ سەھىپە ئورگانلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەيدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 10-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى» ئانار سەھىپىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ‹شىنجاڭ گېزىتخانىسى› گۇرۇھىنىڭ ئاخباراتچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان تونۇشى، چۈشەنچىسى ۋە ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش يولىدىكى مۇھىم تەدبىر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى باشلاپ، رايوندىكى «بىخەتەرلىكى مۇرەككەپ ساھەلەر» گە قارىتا نىشانلىق تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغان ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، «پۇقرالاردىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى، بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئانار سەھىپىسى» «شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلار، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، ئاپپاراتلار، ھەر خىل تەشكىلاتلار ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىپ، ‹شىنجاڭ ھېكايىسى› كۆپ قىرلىق، ئىستېرېئولۇق سۆزلەش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىدىكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.