ياپونىيە خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەن
2019.06.21
ياپونىيە خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلەر ھەپتە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى جەريانىدا سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويغان. ياپونىيە كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ 21-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى 28-ۋە 29 -ئىيۇن كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىنغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننى ئۆزى ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك 20 دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلىدۇ.
كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، نۆۋەتتە «ئەركىن ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى» ناملىق بىر بىرلەشمە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى پىلانلىغانلىقى، ئۇنىڭ زىيارىتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوساكاغا كېلىشى بىلەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرى رابىيە قادىرنىڭ 7-ئىيۇن كۈنى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ياپونىيەدە 10 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەتتە بولغانلىقى، ئۇنىڭغا ۋىزا بەرمەسلىكنىڭ ھېچقانداق قانۇنى سەۋەبى يوقلۇقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇنىڭ ۋىزىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كيوتو ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ۋىزا ئېلىشىغا ئۇزۇنراق ۋاقىت كەتكەن.
ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ كيوتو ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي تەرەپ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا توكيودىن شى جىنپىڭ ياپونىيەنى زىيارەت قىلغاندا رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيەگە كىرىشىنى «مۇۋاپىق» بىر تەرەپ قىلىشى» نى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ تەلەپنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ئىشخانىسىغا يەتكۈزگەن ئىكەن.