رۇسىيە ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2024.10.16
«رويتېرىس» نىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «ئەمەلىي» مۇداپىئە ۋە ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا تەسىرىنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرلىكتە، موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ «چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان» ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلوسوۋ (Andrei Belousov) مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي تارماقلىرى دۇنيا تەرتىپى ۋە بولۇۋاتقانلارغا باھا بېرىشتە ئورتاق پىكىرگە ئىگە. بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئورتاق تونۇپ يەتتۇق».
خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۆشيا (Zhang Youxia) رۇسىيە بىلەن «ناھايىتى ئەھمىيەتلىك» سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان. سۆھبەتتىن كېيىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن: «ھەر ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق ئۇچرىشىشلارنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ».
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 16-ماي كۈنى خىتايغا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت قىلغان ئىدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشىدا، ئۇلار رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى» نى قايتا تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكاغا قارشى ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بېرىشكەن ئىدى.
10-ئىيۇل ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، ناتو غا ئەزا 32 دۆلەت رەھبىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خىتاينىڭ ناتو نىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى جاكارلانغانىدى. بۇ ناتو نىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ خىتاي رۇسىيە ئارمىيەسىگە زۆرۈر بولغان «قورال زاپچاسلىرى» ۋە باشقا تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىرىلغانىدى.