رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەتكەس قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن

رۇسىيە دائىرىلىرى رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز ھالدا خىتايغا ئەتكەس قىلغان، دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.

رۇسىيەنىڭ «SHOT» ۋە «ۋېستى» خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتايدىن كەلگەن 27 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئوق ئۆتمەس جىلىتكە، ئوق ساندۇقى ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى خىتايغا ئەتكەس قىلغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنىڭ ياتىقىدىن 100 پارچىدىن ئارتۇق سوۋېت مەزگىلىدىكى ۋە رۇسىيەگە دائىر ھەربىي قورال ئەسلىھەلىرىنى تاپقان.

بۇ خىتاي ئوقۇغۇچى موسكۋادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىدە ئايروپىلان قۇرۇلۇش بۆلۈمىدە ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي فورما، ئوق ئۆتمەس جىلىتكە ۋە تانكىغا قارشى بومبا ئېتىش ئۈسكۈنىسى ئوخشايدىغان قۇرۇلمىلارنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

نۆۋەتتە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىتاي ئوقۇغۇچى ئۈستىدىن ئىككى ئايرىم جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزغانلىقى مەلۇم. رۇسىيە خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچى خىتايغا ھەيدەپ چىقىرىلغان.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ، خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئالاقىسى قاتتىق كۈچەيگەن بىر پەيتتە چىققان بۇ خەۋەر كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ كۆپ خەۋەر تورلىرى ئۇچۇر تارقاتقان.