خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇت چەكلىمىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.04.25

يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاتالمىش «دىنىي كەيپىياتنىڭ سىمۋولى بولغان ساقال-بۇرۇت ۋە كىيىم كېچەك-چەكلىمىسى»نىڭ كۈچىيىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىدى.

25-ئاپرېل كۈنى ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان تېلىگراف گېزىتىدە، ئاقسۇ شايار ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان ساقال قويغان ئەرلەرگە 50 سومدىن 50 مىڭ سومغىچە جەرىمانە قويۇلغانلىقى، ساقاللىق ئەرلەر ۋە ھىجاپلىق ئاياللارنىڭ تەكشۈرۈش ھەتتا تۇتقۇن قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېسىلدى.

پوچتا-تېلىگراف گېزىتى خەۋەرنىڭ خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «شىنجاڭ دائىرىلىرى ھازىر ساقال قويغان ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

ساقال، بۇرۇت دائىرىلەرنىڭ نەزىرىدە دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىسپاتى دەپ قارىلىپ، ساقال قويغان ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن قاتتىق چەكلىمە ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرىماقتا. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ساقال، بۇرۇت قويۇش مۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.