خىتاي «ئالىملىرى» نىڭ ساختا ئىلمىي ماقالىلىرى ئاشكارا بولدى

گېرمانىيەدىكى ماگدېبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى خەلقئارا ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ھەر بەش پارچە ئىلمىي ماقالىدىن ئاز دېگەندە بىرى ساختا ئۇچۇرلارنى مەنبە قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى ساختا ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي «ئالىملىرى» نىڭ «ئەمگىكى» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 11-مايدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، پروفېسسور بېرنخارد سابېل (Bernhard Sabel) بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشكە باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ساختا ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سانى يېقىنقى يىللاردا شىددەت بىلەن ئېشىپ ماڭغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ خىلدىكى ئىلمىي ماقالىلەر تەبىئىي پەنلەر، بولۇپمۇ تېببىي پەنلەر ساھەسىدە ئەڭ كۆپ. بۇ خىل ئەسەرلەر ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئالدامچىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە مەبلەغنى ئىسراپ قىلغانلىقتۇر. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىل يالغان ئەسەرلەر كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋپلەرنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، نېرۋا ئىلمى ۋە باشقا تېببىي ساھەلەردىكى بۇ خىل ئەسەرلەردە پۈتۈنلەي يالغان سانلىق مەلۇماتلار قوللىنىلغان ھەمدە مەۋجۇت بولمىغان نەتىجە ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلغان. يەنە كېلىپ تەقلىدىي ئەقىلنىڭ ياردىمىدە تېكىست تەييارلاش، سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۇچۇرلارنى توقۇپ چىقىش، ساختا سۈرەت ۋە رەسىملەرنى ياساپ چىقىش كۆپلەپ قوللىنىلغان. شۇڭا بۇ ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان ئىككىلەمچى تەتقىقاتلار ۋە تەجرىبىلەر ھەرقاچان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى «ئۇنۋان باھالاش» شەرتلىرىنىڭ بىرى مۇشۇ خىلدىكى «خەلقئارا ئىلمىي ماقالىلەر» نى ئېلان قىلىشنى مۇھىم ئۆلچەم قىلغانلىقتىن يېقىندىن بۇيان بۇ خىل ھادىسە خىتايدا تېزدىن يامراشقا يۈزلەنگەن.