جېجياڭ ئۆلكىسىدە بىر توننا ساختا قالپاقلىق مېدۇزا بايقالغان

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە بىر توننا ساختا قالپاقلىق مېدۇزا بېلىقى بايقىلىپ، خىتايدا ئەزەلدىن قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مېدۇزىلار خىمىيىلىك ئۇسۇلدا ياساپ چىقىلغان بولۇپ، بۇلار جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرىدىكى بىر يېمەكلىك بازىرىدا بايقالغان.

ھالبۇكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ ساختا مېدوزىلارنى قاچان قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى تەپسىلىي كۆرسەتمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ساختا مېدۇزىلار تەركىبىدە يۇقىرى مىقداردا ئاليۇمىن بار بولۇپ، ئۇنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا ئۇلار ئادەمنىڭ سۆڭەك، نېرۋا سىستېمىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار قىلغاندىن سىرت ئادەمنى دۆت قىلىپ قويىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خۇجۇ يېمەك بازىرىدىكى يايمىچىغا مال ساتقان سودىگەر جېجياڭ ئۆلكىسىدە بۇ خىلدىكى ساختا مېدوزىلاردىن 10 توننا ساتقان.

بۇ ئالدامچىلىققا چېتىلغان 6 گۇماندار تۇتۇلۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى ساختا مېدوزا سودىسىدا 170 مىڭ سوم پايدا ئالغان.

يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ياكى ساختا يېمەك سېتىپ تۇتۇلۇپ قېلىش ھەدىسلىرى خىتايدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

2013-يىلى خىتايدا 20 مىڭ توننا ساختىلىق ئىشلىتىلگەن گۆش بازارغا سېلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇ ئۇرۇپ ئېغىرلاشتۇرغان، چاشقان ۋە تۈلكە گۆشلىرىدىن دورا قوشۇپ ئىشلەنگەن ساختا كالا -قوي گۆشلىرى بارلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.