خىتاينىڭ تېتىتقۇ قاتارلىق ساختا يېمەكلىكلىرى ۋەھىمە ياراتتى

16، 17-يانۋار كۈنلىرىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، يېقىندا خىتايدا نېستتل، كنورر قاتارلىق داڭلىق تېتىتقۇ ماركىلىرى چاپلانغان ساختا تېتىتقۇ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدىن 50 نەچچىسى ئاشكارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

تيەنجىندە چىقىدىغان «يېڭى پايتەخت گېزىتى»نىڭ 16 -يانۋاردىكى خەۋىرىدە، تيەنجىن شەھەرلىك جىنخەي رايونىغا جايلاشقان 50 كە يېقىن تېتىتقۇ زاۋۇتىدا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تۇز، رەڭ، چىرىشكە قارشى فورمالىن قاتارلىقلار ئىشلىتىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تېتىتقۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى، ھەتتا چەتئەللەردىكى خىتاي تاللا بازارلىرىدا سېتىلغانلىقى ئاشكارىلانغان، شۇنىڭدەك يىللىق پايدىسى 100 مىليون سومدىن ئاشقان بۇ تېتىتقۇ زاۋۇتلىرىنىڭ يەنە، ياغ ئىشلەش زاۋۇتلىرى ئىشلىتىپ بولغان كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇر قاتارلىق خۇشپۇراق دورا-دەرمەكلەرنى يىغىۋېلىپ قايتا قۇرۇتۇپ، تالقان قىلىش ئارقىلىق قورۇمىلاردا ئىشلىتىدىغان خالتىلىق دورا ‏-دەرمەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، تازىلىق شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان بۇ خىل ساختا يېمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەشۋىقاتىدا يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ساختا يېمەكلىك زاۋۇتلىرىغا چارە كۆرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېمەكلىك ساھەسىگە بولغان نازارىتى ۋە تەدبىرلىرىدىكى بوشلۇقلار خىتايدا ساختا ھەتتا زەھەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كىشىلەر خىتايدا ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتا يېمەكلىك سۈپىتىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان.