سېرىقبۇيا يېزىسىدا يەنە خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى خىتاي ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن
2013.11.16
مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا يەنە خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى خىتاي ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى نەپىرى ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان.
تىيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنىڭ جىددىيلىكى تېخى پەسەيمىگەن ۋەزىيەتتە مەيدانغا كەلگەن بۇ ھۇجۇم خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
«تەڭرىتاغ تورىنى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16 - نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 ئەتراپىدا ئابلا ئەخەت قاتارلىق 9 نەپەر كىشى قەشقەر مارالبېشى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 2 نەپەر ياللانما ساقچىنى ئۆلتۈرگەن، 2 نەپەر ساقچى يارىلاندۇرغان. ھۇجۇم قىلغۇچىلار نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان.
خەۋەردە باشقا ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى ۋە ھۇجۇم ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىغان.
بۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل سېرىقبۇيادا ئىككىنچى قېتىم ۋەقە چىقىشى.
بۇ يىل 23 - ئاپىرىل سېرىقبۇيادا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 15 نەپەر خىتاي ھۆكۈمەتكە خادىمنى ئۆز ئىگە ئالغان 21 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.
ئىلگىرى خىتاي ئاخباراتى بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى ئاساسەن خەۋەر قىلمايتتى، قىلسىمۇ خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئازراق خەۋەر قىلىشقا مەجبۇر بولاتتى.
بۇ نۆۋەت دائىرىلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ خەۋەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى قارار قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.