كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى
2015.01.25
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا جۈمە كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شەنبە كۈنىدىن باشلاپ، كۆپ دۆلەت باشلىقلىرى رىيادقا يېتىپ كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى رىيادقا يېتىپ كېلىپ، تەزىيە پائالىيىتىگە قاتناشقانلار ئىچىدە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون، فرانسىيە پرېزىدېنتى ئولاند فرانسۇئا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن قاتارلىقلار بار ئىكەن.
خىتاي تەرەپتىن شەنبە كۈنى دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى رىيادقا يېتىپ كېلىپ، تەزىيە بىلدۈردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئۆز تەزىيەسىنى بىلدۈرگەن.
يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ھىندىستان سەپىرىنى باشلىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى قىسقارتىپ، سەيشەنبە كۈنى رىيادقا يېتىپ كېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ يېڭى پادىشاھى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
2005 - يىلىدىن تارتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقچىسىغا ئايلانغان ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا 90 ياش ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.