خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسىدىن ئ‍ۆلگەنلەر شىددەتلىك كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-04-25
Share

24-ئاپرېل كۈنى، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار 20 مىڭغا يېقىنلىشىپ، 51 ئادەم ئ‍ۆلگەن. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شاڭخەينىڭ جيادىڭ رايونىدىكى بىر جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتىدا جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ماجىرادىن مەزكۇر زاۋۇتتا 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ زاۋۇتتىن ئايرىلىشى چەكلەنگەنلىكى، بۇ زاۋۇتنىڭ ھەر كۈنى كېچىسى سائەت 12 گىچە جەسەت كۆيدۈرىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. خەۋەردە، ئ‍ۆلگەنلەرنىڭ ئ‍ۆتكەن يىلنىڭ ئ‍وخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيگەنلىكى، بىراق خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

شاڭخەي شەھىرىدىكى يەنە بىر جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتىدىكى خادىملار رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت سالمىقى بۇرۇنقىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان، بىراق كونكرېت سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن سىرت شاڭخەينىڭ خۇاڭپۇ، پۇدوڭ رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر خىتاينىڭ قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىگە قارشى تۆمۈر رىشاتكىلارنى بۇزۇپ تاشلاپ قارشىلىق بىلدۈرگەن. شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ 25-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر كۈن ئىچىدە 2472 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى بار يەرلىك كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغان، كېسەللىك ئالامىتى يوق يەرلىك يۇقۇمدارلار 16983 گە يېتىپ 51 ئادەم ئ‍ۆلگەن.

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭغىمۇ تارقىلىشى بېيجىڭ ئاھالىسىنى ساراسىمىگە سېلىپ، يېمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىش دولقۇنى قوزغالغان. بېيجىڭ شەھىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى 47 نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغانلىقى، يۇقۇمدارلارنىڭ يېرىمىنىڭ چاۋياڭ رايونىدا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دائىرىلەر بۇ ھەپتە ئىچىدە چاۋياڭ رايونىدىكى 3 يېرىم مىليون ئاھالىگە قارىتا ئەملەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 25-ئاپرېل خىتاي مىقياسىدا 3266 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى بار يۇقۇمدار، 20454 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت