31- دېكابىر شاڭخەيدىكى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كېلىپ چىققان پاتىپاراقچىلىقتا 36 ئادەم ئۆلگەن، 47 ئادەم يارىلانغان.
ھادىسە شاڭخەينىڭ چېنيى مەيدانىغا يېڭى يىللىق چىراغ-پانۇسلارنى تاماشا قىلغىنى ۋە يېڭى يىلىنى كۈتۈۋالغىنى كەلگەن مىڭلىغان كىشىلەر بىر-بىرنى قىستاشتىن كېلىپ چىققان.
خىتايچە ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 31- دېكابىر شۇ جاي ۋاقتى كېچە سائەت 11دىن 55 مىنۇت ئەتراپىدا چېنيى مەيدانىغا بېرىش ئۈچۈن پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقانلار بىلەن يۇقىرىدىكىلەر كۈتۈلمىگەندە تۈرتۈشۈپ كەتكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە نەقىل قىلىشىچە، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان شۈ فامىلىلىك بىر خانىم مۇنداق دېگەن: شۇ چاغدا مەن بىرىنىڭ ۋارقىرىغىنى ئاڭلىدىم، كىشىلەر بىردىنلا ئالاقزادىلىشىپ كېتىشتى. بىز مىجىلىپ كەتتۇق.
مەلۇم بولۇشىچە، پەلەمپەينىڭ يۇقىرىسىدىكىلەر پەسكە قاراپ سىلجىغان، تۆۋەن تەرەپتىكىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يېقىلىشقان ۋە دەسسىلىپ كەتكەن. بۇلارنى ھېچكىم توسۇپ قالالمىغان.
نەتىجىدە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يىغلىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان بۇ داغدۇغىلىق پائالىيەت پاجىئەلىك ھالدا خاتىمىلەنگەن.