شى جىنپىڭ بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلغان

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.07.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ «شىنجاڭ سەپىرى» دە، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن دائىرىلىرى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يوليورۇقىنى مۇكەممەل ۋە تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇيۇقسىز 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارىتى جەريانىدا يەنە «شىنجاڭنىڭ تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇقىملىقى ۋە تىنچ تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە بىر قىسىم يوليورۇقلار» نى بەرگەن. مەزكۈر يوليورۇقتا ئۇيغۇر رايونىدا «چوڭ تىپتىكى ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى بىڭتۇەن بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مۇھىت قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى شۇنداقلا ئىقتىساس ئىگىلىرىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ بايلىق مەنبەلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئۆزئارا بىر-بىرىگە سىڭىشىش ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش» تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىلەن بىڭتۇەن رەھبەلىى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلىرى، بىڭتۇەنگە قاراشلىق خىتاي كارىخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ تېزلەتمەكچى بولۇشى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.