جەيمىس مىلۋارد: «شى جىنپىڭ خىتاي ئىمپېراتورلىرىدىن ئۆگەنمىگەن»

ئامېرىكادىكى تونۇلغان تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد 1-ئۆكتەبىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە «شى جىنپىڭ خىتاي ئىمپېراتورلىرىدىن ئۆگەنمىگەن» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتايلاشتۇرۇش ياكى چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە ھازىرقى خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ تارىختىكى چىڭ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدىغانلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەتنى چىڭ خانىدانلىقىدىن ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىدەك بىر پاكىتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، چىڭ خانىدانلىقى ئۆز تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى مىللىي پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىپ، يەرلىكتىكى شۇ مىللەتتىن بولغان ئەمەلدارلار ئارقىلىق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن قاتارلىق بېسىۋېلىنغان ھەرقايسى رايونلارنى ئىدارە قىلغان. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مانا بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، خىتاينىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە ئاپتونوم رايون ھوقۇقى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە ياشىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بارا-بارا يوقىلىشقا باشلىغان. ئاخىرى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن ئۇقۇمنى ئالغا سۈرۈپ تۇرۇپ، چوڭ خىتايچىلىقنى تەرغىب قىلغان. ئەسلىدىكى خىتاي تىلىنى «دۆلەت تىلى» دەپ ئاتاپ، مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى باشلىغان.

ئاپتور جەيمىس مىلۋارد ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنىڭ نەشردىن توختىغانلىقى، ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، ھەتتا ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى «ھالال» خېتىنىڭمۇ بۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئالغانلىقى، خىتاي تىلى بولمىغان تىللاردىكى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭمۇ ئاستا-ئاستا يوقىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا تىبەت تىلى ۋە خوڭكوڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىدە گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزىمۇ ئوخشاشلا چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا ۋە قانۇنىيلىقىغا شەك كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يولغا قويۇش ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى چىن «جۇڭخۇا» ئەقىدىسىگە ئىگە، چوشقا گۆشى يەيدىغان ۋە روزى تۇتمايدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇرالمايدۇ. زوراۋان سىياسەتلەر خوڭكوڭلۇقلارنى ۋەدە قىلىنغان يۈكسەك ئاپتونومىيەنى تەلەپ قىلىشتىن تاندۇرالمايدۇ. دىنى بېسىم ۋە شۇنداقلا دالاي لامانى سەت كۆرسىتىش سىياسەتلىرى تىبەتلەرنى كومپارتىيەگە چوقۇنىدىغان قىلالمايدۇ. ھەربىي تەھدىت تەيۋەنلىكلەرنى چوڭ قۇرۇقلۇققا يېقىنلاشتۇرالمايدۇ»

جەيمىس مىلۋارد خىتاينىڭ بىر خىل مەدەنىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا باشقىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك سىياسەتلىرىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئەڭ ئەنسىرەيدىغان زور بىر مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.