بېيجىڭدا يۈز بەرگەن شى جىنپىڭغا قارشى شوئار ئېسىش ۋەقەسى كۈچلۈك غولغۇلا قوزغىغان
2022.10.14
10-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭنىڭ ئەڭ ئاۋات ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلىرىدىن بىرىگە شى جىنپىڭغا قارشى شوئار ئېسىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا بولغان.
تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار تارقالغان، خەلقئارا تاراتقۇلارمۇ «ئالاھىدە ۋاقىت، ئالاھىدە ئورۇندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە» گە ئائىت خەۋەر-مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلغان.
ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىمەن دەۋاتقاندا، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يىغىلغان بېيجىڭدا ئۇنىڭغا قارشى شوئارنىڭ ئېسىلىشى پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە ئىكەن. خىتاي تور ساقچىلىرى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە كېلىپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ۋە ئۇنى تارقاتقانلارنىڭ ھېسابىنى تاقىغان.
خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆۋرۈككە شوئار ئېسىپ تۇتۇلغان ئادەم پېڭ لىفا ئىسىملىك بىر خىزمەتچى بولۇپ، بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەنىكەن. ئۇ ئىشچى قىياپىتىدە ياسىنىپ كۆۋرۈككە چىقىپ لوزۇنكىنى ئاسقان ۋە شى جىنپىڭغا قارشى شوئار توۋلىغان، دىققەتنى قوزغاش ئۈچۈن كۆۋرۈككە ئىس قويۇپ بەرگەن. خىتاي ساقچىلىرى دەرھال كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن. بۇ ۋەقە خەلقئارالىق ۋەقەگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ھەر بىر كۆۋرۈككە قارايدىغان ئادەم قويغان ۋە ئىش ھەققىنى 280 يۈەندىن 320 يۈەنگىچە بېكىتكەن.