«شىنجاڭ سىنىپى» دىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆلۈۋالغان

گۇاڭدۇڭدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 7-يانۋار ئەتىگەندە 6-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان، دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ۋەقە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن. ئۆزىنى ئولتۇرۇۋالغۇچى بۇ يىل تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر يىگىت ئىكەن.

گۇاڭدۇڭ دائىرىلىرى ۋەقەنى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىگە خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ر قازا قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە مەخسۇس خادىم ئەۋەتكەن.

بۇ ئوقۇغۇچنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى شەھىرىدىن كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» تۈزۈمىگە 10 يىلدىن ئاشتى. مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ھەرخىل ئەندىشىلەرنى قوزغىغان ئىدى.

«شىنجاڭ سىنىپى» غا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل كەمسىتىش ۋە روھىي بېسىملارغا دۇچ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلغان.

«ئۇيغۇربىز» تورىدا بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار «ئوغرىلاپ كېتىلگەن بىر ئەۋلاد» دەپ ئاتالغان.

ئىلگىرى گۇاڭدۇڭدىكى مەلۇم بىر «شىنجاڭ سىنىپى» دىكى ئوقۇغۇچلار ئۆزلىرىگە چوشقا گۆشى بېرىلگەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ، دەرس تاشلىغان ئىدى.