خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 29-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت تەكشۈرىشىدە بولۇۋاتقان مەركەز 16-مۇپەتتىشلىك گۇرۇپپىسى ئىككىنچى نۆۋەتلىك سىياسىي-قانۇن كادىرلار قوشۇنىنى رەتكە سېلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىڭشەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەركەز تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى فۇ جىچياڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىكى خىزمىتىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن، شۇنداقلا «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تولۇق ئىجرا قىلىشتا كۈچلۈك رول ئوينىدى» دېگەن. ئۇ يەنە سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنىڭ خىزمىتىدىكى يېتەرسىز ئامىللار توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: «ھېچقانداق يوشۇرۇن خەۋپنى قالدۇرماسلىق»، «مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش لازىم» دېگەن. ۋاڭ مىڭشەن بولسا بۇ پىكىرلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە «بۇندىن كېيىنكى خىزمەتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەركەزنىڭ ئومۇمى پىلانى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىككە مۇتلەق كېپىللىك قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئۆتكەنكى ۋەزىيەتنى ئەسلەپ ئۆتكەچ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ھازىر ‹نەچچە مىليون ئۇيغۇر تۇتۇلۇپ بولدى› دەۋاتىمىز. ئەمما خىتاي مەركىزىي تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇشۇنداق رېئاللىقنىمۇ تېخى يېتەرلىك بولمىدى، دېگەنلىكى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى يوق قىلمىغۇچە بولدى قىلمايمىز، دېگەنلىكىگە باراۋەردۇر،» دېدى.
