ئامېرىكىدىكى ۋودورود ۋىلسون مەركىزى ئۆزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت ئارخىپ ئامبىرىغا ئۈرۈمچىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان گېنېرال جاڭ جىجوڭنىڭ 1947-يىلى، 7-ئىيۇل كۈنىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى ساۋېلېۋقا يازغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالى رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشىگە يوللىغان مەكتۇپىنىڭ رۇسچە نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى كىرگۈزدى.
مەزكۇر مەكتۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئىلى تەرەپ بىلەن جاڭ جىجوڭ باشچىلىقىدىكى نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىق بىتىم ئىمزالىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ بىر يىل توشقاندا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا جاڭ كەيشى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسىلىك ئورنىنى مەسئۇد سەبىرىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ، جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى.
جاڭ جىجوڭ خېتىدە ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپنى تىنچلىق بىتىمنى ئىجرا قىلماسلىق، بىتىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ پاكىتلىرى سۈپىتىدە ئىلى،تارباغاتاي ۋە ئالتاينى«ئالاھىدە بولىۋالدى» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن چۆچەككە قايتىپ كەلگەن گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرىدىن 30 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ھۆكۈمەتنىڭ گومىنداڭ پەرەس ۋەكىلى تۈركىستاننىڭ دۆربىلجىندە ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار تەرەپلەرنى كۆرسەتكەن.
ئۇ خېتىدە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن ئۇرۇش توختاپ، تىنچلىق بىتىمى ئىمزالانغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ۋەدىسى بەرگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنىمۇ ئەسلىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلى تەرەپنى قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
جاڭ جىجوڭنىڭ بۇ خېتى ئەمەلىيەتتە ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئىلى تەرەپ ئۈستىدىن موسكۋاغا قىلىنغان شىكايەتتىن ئىبارەت ئىدى.
جاڭ جىجوڭنىڭ بۇ خېتى يېزىلىپ، بەش كۈندىن كېيىن، ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى ۋە رەھىمجان سابىر ھاجى بىرلىكتە ساۋېلېۋقا مەكتۇپ يوللاپ، جاڭ جىجوڭ باشلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق بىتىمىنى بۇزغانلىقى ۋە بىتىمنى ئىجرا قىلمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
باش كونسۇل ساۋېلېۋ جاڭ جىجوڭ ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ خەتلىرىنى ئوخشاشلا موسكۋاغا ئېلىپ بېرىپ يۇقىرى رەھبەرلىككە تاپشۇرغان.