تۈركىيە، كېمىسى چۆكۈپ كەتكەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى، 22 جەسەت بايقالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.09.15

تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە يولغا چىققان سۈرىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر كېمە 15-سېنتەبىر كۈنى ئېگە دېڭىزىدا چۆكۈپ كېتىپ، 22 ئادەم قازا قىلغان. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېمە چۆكۈش ۋەقەسىدە 4 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 كىشى قازا قىلغان. تۈركىيە دېڭىز قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋەقە يۈز بېرىپ بىرقانچە سائەت ئىچىدە دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان كېمىدىكى سۈرىيە مۇساپىرلىرىدىن 200 دىن كۆپ قانۇنسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە چېگرانى بۇزۇپ قانۇنسىز كۆچۈش ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ، سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن قاچقان مۇساپىرلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ھاياتلىق ئىزدەپ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قانۇنسىز كۆچمەن بولۇپ كىرمەكتە.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 15 سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋېنگىرىيە دۈشەنبە كۈنى قانۇن چىقىرىپ، 15-سېنتەبىر سەھەر سائەت 1 دىن باشلاپ سېربىيە-ۋېنگىرىيە چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى ساقچىلار ئارقىلىق توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن 9000 سۈرىيەلىك مۇساپىر ۋېنگىرىيە كىرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىتالىيە، ۋېنگىرىيە چېگراسى ئىچىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىرنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما يەنە 120 دىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىر مەسىلىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان مەسىلىگە ئايلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.