سۈرىيەدىكى بومباردىماندىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 5 ياشلىق ئۆسمۈر ئومران سۈرىيەدىكى ئىنسانلىق كرىزىسىنىڭ يېڭى يۈزىنى ئېچىپ بەردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.08.18

چارشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ ئالەپپو شەھىرىدىكى بومباردىماندا يارىلانغان 5 ياشلىق ئۆسمۈر ئومراننىڭ توپا-چاڭ ۋە قانغا مىلانغان ھالدا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا تارتىلغان سۈرىتى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاپ، سۈرىيەدە داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانلىق كرىزىسىنىڭ يەنە بىر سىمۋولىغا ئايلاندى.

س ن ن تېلىۋىزىسىيىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن سۈرىيە ئارمىيىسى سۈرىيەدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئالەپپو شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن ئېلىشىۋاتقان بولۇپ، چارشەنبە كۈنى ئاخشام سائەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بومباردىماننىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيىسى ياكى سۈرىيە ئارمىيىسىنى قوللاۋاتقان رۇس ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. 5 ياشلىق ئومران بومباردىماندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشقانلار تەرىپىدىن ئېغىر زەخىم كۆرگەن بىر بىنانىڭ بالكونىدا پېشانىسىدىن يارىلانغان ھالدا بايقالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ 1 ياشلىق، ئالتە ياشلىق ۋە 11 ياشلىق قېرىنداشلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىمۇ بىرلىكتە قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

بۈگۈن ئومراننىڭ قورقۇپ كەتكەن ھالدا ئولتۇرغان بۇ سۈرىتى دۇنيادىكى بارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى ۋە شۇنداقلا ئىجتىمائىي تور بەتلەردە كەڭ تارقىلىپ كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىنسانلىق ئۈچۈن بىر نومۇس، دەپ باھالىدى. ئۆتكەن يىلى دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا قاچماقچى بولغان سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ كېمىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن سۇدا بوغۇلۇپ قالغان 3 ياشلىق سۈرىيەلىك ئۆسمۈرنىڭ سۈرىتى دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان ئىدى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغىلى 5 يىل بولغان بولسىمۇ، رۇسىيە ۋە خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيەدە ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئارىلىشىشقا قارشى چىققاندىن بۇيان، دۇنيا دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بېشىر ئەسەدنىڭ سۈرىيەدە قىلىۋاتقان بومباردىمانلىرى نەتىجىسىدە ھازىرغىچە 400 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم.

بۈگۈن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى نىكولاس كىرىستوف بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىىسىدىكى مۇۋاپپەقىيەتسىزلىكىنى تەنقىد قىلىپ «ئوباما ھۆكۈمىتى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولدى. بۇ ئوبامانىڭ سىياسىي ھاياتىغا داغ چۈشۈرىدىغان ئەڭ چوڭ نۇقسانلىرىنىڭ بىرى بوپقالىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.