جون كېررىي خىتاينى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئويناشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي پەيشەنبە كۈنى خىتاينى سۈرىيىنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى يوقىتىش مەسىلىسىدە ئىجابىي رول ئويناشقا چاقىردى.

ئۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى خىمىيىۋى قوراللار مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىنىڭ ئىنتايىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ ب د ت دا سۈرىيىدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى يوقىتىش ئاۋازغا قويۇلغاندا ماسلىشىشچان ۋە ئىجابىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىزچىل ھالدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا قارشى چىقىپ كەلگەن. شۇنداقلا خىتاي يەنە رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە پىلانىنى قوللىماقتا. نۆۋەتتە خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيىدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، قاچان بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېنىق بىر ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلەپ چىقىشقا تىرىشماقتا. ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگىلىيەلەر بېكىتىلىدىغان قارارغا، ئەگەر ئەسەد خىمىيىۋى قوراللارنى يوقاتمىسا، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ماددىسىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا، ئەمما رۇسىيە ۋە خىتاي بۇ ماددىنى كىرگۈزۈشكە قارشى.