خىتاي بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىشىنى «ئوت بىلەن ئويناشقانلىق» دەپ ئاگاھلاندۇرغان
2024.12.23
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 21-دېكابىر كۈنى تەيۋەنگە يەنە بىر تۈركۈم قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سۈركىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىش قارارىنى «ئوت بىلەن ئويناشقانلىق» دەپ داۋراڭ سالماقتا.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدېن 21-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە مىقدارى 571 مىليون دوللارلىق ھەربىي لاۋازىمات، تەلىم-تەربىيە ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 20-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەنگە قوشۇمچە 295 مىليون دوللارلىق ھەربىي لاۋازىمات سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكانىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىگە قارشى تەيۋەننى قوراللاندۇرۇش قارارى، تەيۋەنگە ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. «پولىتىكو» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 22-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادىن تەيۋەننى قوراللاندۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىشتەك «تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خەتەرلىك ھەرىكەت» نى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش خىتاينىڭ 23 مىليونلۇق نوپۇسى بولغان بۇ دېموكراتىك ئارالنى قوراللىق بېسىۋېلىشىنى توسۇپ، خىتاينىڭ قوراللىق تاجاۋۇزغا قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا. پىرېزىدېنت بايدېن بۇ قېتىم تەيۋەنگە 571 مىليون دوللارلىق ھەربىي لاۋازىمات سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن، بۇ يىل 9-ئايدا 567 مىليون دوللارلىق ھەربىي لاۋازىمات سودىسىنى تەستىقلىغان ئىدى.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «بىزنىڭ مۇداپىئە مەسىلىمىزدىكى ۋەدىسىنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەن.