خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرىگە ئاساسەن تاجىكىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن يەنە 2 مىڭ 400 ئىشچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا تاجىكىستان تەرەپ ئاساسلىقى خىتايدىن بولۇپ، ئىككى مىڭغا يېقىن چەتئەل ئىشچىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىن كېلىدىغان بۇ ئىشچىلار تۈركمەنىستان-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ تاجىكىستاندىن ئۆتىدىغان 400 كىلومېتىرلىق قىسمىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەيدىكەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھازىر خىتاي تاجىكىستاندىكى ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت بولۇپ، تۈركمەنىستان-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ تاجىكىستان قىسمى ئۈچۈن خىتاي تاجىكىستانغا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. تاجىكىستان تەرەپ مەزكۇر تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزلىرىگە زور ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە كۆپ ساندىكى تاجىكىستانلىقلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇشقان. ئەمما، خىتاينىڭ تاجىكىستانغا زور مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۆز ئىشچىلىرىنى ئۆزلىرى قۇرغان زاۋۇت-كانلار ۋە قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىتىشى تاجىكىستانلىقلاردا نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئازادلىق رادىئوسىغا ئۆز پىكرىنى بىلدۈرگەن تاجىكىستانلىق ئىقتىسادشۇناس سودىقجان نوسىروفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاجىكىستاننىڭ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا يەر ئاستى قىممەتلىك مېتاللىرىنى قېزىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. بۇ دۆلەتتىكى خىتاي شىركەتلىرى خىتاي تاجىكىستانغا سالغان مەبلەغلەرگە خىتاي تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالماقتا. خىتاي مەبلىغىدىكى تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى، زاۋۇت-كان ۋە باشقىلاردا ئاساسلىق ئىشلارنى خىتاي تېخنىكلىرى ۋە ئىشچىلىرى ئورۇندىماقتا. خىتاي تاجىكىستانغا سالغان مەبلەغلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يەنىلا خىتايغا قايتىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇلار تاجىكىستاننىڭ قەرزى بولۇپ، تاجىكىستان ئۇنى يۇقىرى پىرسەنت بىلەن تۆلىشى كېرەك ئىكەن.
پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستاندا كۆپ ساندا خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چېگرىداش بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىدا، يەنى پامىر رايونىدا خىتاي شىركىتى قىممەتلىك مېتاللارنى قازماقتا ئىكەن.