ئۇيغۇر دىيارىدا تاڭزوڭزا يېيىشنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يىلقى روزا ھېيتى خىتاينىڭ «تاڭزوڭزا بايرىمى» بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىشىگە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى خىتايلار بىلەن تاڭزوڭزا بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە ۋە تاڭزوڭزا يېيىشكە مەجبۇرلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تاڭزوڭزا بايرىمىنى تەبرىكلەشنى ۋە تاڭزوڭزا يېيىشنى رەت قىلغان ئاز دېگەندە 40 دەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا سولىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاڭزوڭزا بايرىمى شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، مەزكۇر بايرامنىڭ خىتايدا «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر» دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر چۈ يۈەننى خاتىرىلەشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى چوشقا يېغى ئارىلاشتۇرۇلىدىغان تاڭزوڭزا يېيىشكە مەجبۇرلاش ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىگە قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا يەنە ئاقسۇنىڭ ئاۋات، قەشقەرنىڭ كوناشەھەر، خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەلىرىدە تاڭزوڭزا يېيىشنى رەت قىلغان 100 دىن ئارتۇق ئائىلىگە 50 سومدىن 1000 سومغىچە جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تېزرەك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل چاغاندا ئۇيغۇرلارنى ھويلىسىغا پانۇس ئېسىپ چاغاننى كۈتۈۋېلىش، خىتايلارنى تەكلىپ قىلىپ بىرلىكتە تۈگۈرۈك تۈگۈپ يېيىشتەك پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت