خىتاي نېفىت شىركىتى تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى 12 مىڭ مېتىرغا يەتكۈزمەكچىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.08.24

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» 24-ئاۋغۇست كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قېزىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى (PetroChina) نىڭ تارىم نېفىتلىكى شىركىتى ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بىر بۇرجىكىدە چوڭقۇرلۇقى 11 مىڭ 100 مېتىرنى نىشان قىلغان نېفىت قۇدۇقىنى بۇرغىلاشنى باشلىغان. ھازىرغىچە بۇ نېفىت قۇدۇقىنىڭ 5856 مېتىرلىق قىسمى قېزىلىپ بولۇنغان. بۇ ھازىرغىچە يەر شارىدىكى نېفىتلىكلەر ئىچىدە چوڭقۇرلۇقى ئەڭ تېرەن بولغان نېفىت قۇدۇقى ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى نىشانى تارىم ئويمانلىقىدا 12000 مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت قۇدۇقلىرىنى بۇرغىلاشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ يەردىكى 6000 مېتىردىن چوڭقۇر يەر قاتلىمىغا كۆمۈلگەن نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمىي مىقدارى خىتايدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئايرىم-ئايرىم 83 پىرسەنتى ۋە 63 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، تارىم نېفىتلىكىنىڭ ھازىرقى يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى دەسلەپكى يىللاردىكى 33 مىڭ 900 توننادىن ھازىرقى 33 مىليون 100 مىڭ تونناغا يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2002-يىلى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش»، «غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تىن ئىبارەت چوڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىچكىي خىتايغا توشۇلغان تەبىئىي گاز، خىتاينىڭ 15 ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى 500 مىليونغا يېقىن ئاھالىنىڭ ئېھتىياجى تەمىنلەنمەكتىكەن. ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدىن چىقىۋاتقان شۇنچە كۆپ تەبىئىي گازنىڭ 500 مىليون خىتاينى بېقىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالماي، ئەكسىچە ئۇنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى 8 مىليون ئاھالىنىڭ يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى تەمىنلەۋاتقانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالماقتا.

ھازىر تارىم ئويمانلىقىدا چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ سانى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئەسەبىيلىك بىلەن قېزىشى، رايوندىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە باشقا بىر قاتار ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن. خىتاينىڭ نۆۋەتتە 12 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنى قېزىشقا يۈرۈش قىلىشىنىڭ كەلگۈسىدە تارىم ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا قانداق گېئولوگىيەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.