تىبەتلىك ئاكتىپ پائالىيەتچى تاشى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.01.04

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن تىبەتلىك پائالىيەتچى تاشى ۋاڭچۇك «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. ئۇنىڭ ئادوۋكاتىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، چىڭخەيدىكى سوتتا خىتاي سوتچىلار تاشى ۋاڭچۇكنىڭ 2015-يىلى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئىشلىگەن بىر بىر سىن خەۋىرىدە قىلغان سۆزىنى ئۇنىڭ ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» قىلمىشىنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسەتكەن.

9 مىنۇتلۇق بۇ سىن خەۋىرىدە تاشى ۋاڭچۇك تىبەت مەدەنىيىتى بىلەن تىبەت تىلىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، تىبەتلەرنىڭ بېسىم ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مەزكۇر سىن خەۋىرى دۇنياغا تارقىتىلىپ ئارىدىن 2 ئاي ئۆتكەندە، يەنى 2016-يىلى يانۋاردا قولغا ئېلىنغان.

بۈگۈن چىڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا تىبەت تۇتقۇن تاشى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى» نى ئېتىراپ قىلمىغان. سوت 4 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، سوت ھۆكۈمىنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

ئۇنىڭ ئادۋوكاتى لياڭ شاۋجۈننىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر تاشىغا ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە 5 يىلدىن 15 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، خىتايدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىد قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇغانلىقى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.