تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان يەنە بىر ئۇيغۇر تۇتۇلۇپ قالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

20-نويابىردا تايلاندنىڭ سوڭكلا ئۆلكىسىدىكى چېگراغا يېقىن بولغان بىر يىغىۋېلىش مەركىزىدىن 20 ئۇيغۇر قېچىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ۋەقە تايلاند ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى پات-پاراق قىلىۋەتكەن ئىدى. بۈگۈن بۇ ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىر كىشىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى.

مالايشىيادىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «قۇياش گېزىتى» نىڭ 26-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ساداۋ كۆچمەنلەر لاگېرىدىن قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىر كىشى شۇ جاي ۋاقتى سەھەر سائەت سەككىزدە تۇتۇلۇپ قالغان. سوڭكلا ئۆلكىلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى 6-تارماق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، گېنېرال مايور جېكسادا يايسۇن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، «31 ياشلىق بۇ قاچقۇن ناشتىلىق تاپقىلى ئورمانلىقتىن چىققاندا تۇتۇۋالدۇق،» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۇتۇلۇپ قالغان بۇ قاچقۇن ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىكى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئارزۇسىدا تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

جېكسادانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇتقۇن بىرنەچچە تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپ، مالايشىيا-تايلاند چېگراسىدىن ئۆتۈپ كېتىشنى پىلانلىغان. ئەمما كۈتۈلمىگەندە باشقا تۆت ئۇيغۇر قاچقۇن بىلەن ئورمانلىقتىن چىقالمىغان. ئۇلار ئورمانلىقتا بىر ھەپتە ئاچ قالغان بولۇپ، يامغۇر سۈيىنى ئىچىش بىلەن جان ساقلاپ كەلگەن.

تايلاند ۋە مالايشىيادىكى يەرلىك گېزىتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈرمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلاردىن ئالتە كىشى تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن بۇ جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى دەرھال تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئالتە ئۇيغۇرنى تېزدىن ختىايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئايدىڭلاشمىغىچە ئۇلارنى ھېچيەرگە ماڭدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت