خىتاي ئۆز تەشۋىقات ئاپپاراتىنىڭ ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن


خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېتىدە چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەشۋىقات ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتلىرىنى يېتەرسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ ئىككى ئاي تەكشۈرۈلگەن.

دوكلاتتا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باياناتچىسى ۋاڭ خۇەيچېننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تەكشۈرۈش نەتىجىسى خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى مەمنۇن قىلالمىغان، ئۇلار مەزكۇر بۆلۈمنىڭ ئىدېئولوگىيە، خەلق پىكرىنى يېتەكلەش جەھەتلەردە قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ كۈتكەندەك ياخشى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەنئەتنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان يېتەكلەش مۈجمەل بولغان ۋە ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي پەلسەپىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاخبارات ساھەسىدە خەۋەرلەرنىڭ قاراتمىلىقى يېتەرسىز بولغان بولۇپ، تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيىنىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىشتەك يېتەكچى رولىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەغلۇپ بولغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتايدا ئاخبارات ساھەسى، ئۆكتىچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

بۇ يىل باھاردا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتايدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باش شتابلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاخبارات مەۋقەسىنى تەكشۈرگەن ئىدى.