سابىق تەيۋەن ئەمەلدارى: ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.10.11


سابىق تەيۋەن ھۆكۈمەت خادىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بېرىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەنگە جايلاشقان «جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى تەيۋەننىڭ موڭغۇلىيە ۋە تىبەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق كاتىپى لىيۇ شۆياۋ 9 - ئۆكتەبىر تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابىنى تارقىتىش مۇراسىمدا ئوتتۇرىغا قويغان.

لىيۇ ئىلگىرى تەيۋەندىكى مىنىستىر دەرىجىلىك موڭغۇل ۋە تىبەت ئىشلار كومىتېتىدا 40 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىندا «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىققان.

ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ئۆز تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى ھۇجۇملارنى كېمەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتلىرىنى تەڭشىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: خىتاينىڭ بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە ئارتىپ قويۇشى خاتا. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ئاساسىي مۇئەسسەسە ۋە بايلىق ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن پەقەت خەنزۇلارلا مەنپەئەت ئېلىۋاتىدۇ.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشچىلىرىنى قوللىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2014 - يىللىق دوكلاتىدا خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشچىلىرىنى قوللىغانلىقىنى خىتايغا قىلىنغان «مەقسەتلىك ھۇجۇم» دەپ ئېتىراز بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2014 - يىللىق دوكلاتىدا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشچىلىرىنى قوللىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خوڭكوڭ ستۇدېنتلىرى خىتايدىن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىش يېڭى باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانچىسى خوڭ لېي ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خوڭكوڭ ستۇدېنتلىرى 2017 - يىللىق خوڭكوڭ رايون باشلىقى سايلىمىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىغان ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتكە كېلىشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.