ھىمالايا يولى ئارقىلىق چەتئەلگە قېچىپ چىقىدىغان تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-10-20
Share

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈن دارامسالادىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 2008-يىلىدىن بۇيان ھىمالايا تاغلىرىدىكى مەخپىي يوللار ئارقىلىق چەتئەلگە قېچىپ چىقىدىغان تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشىدىن بۇرۇن ھەر يىلى 2 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك ئەڭ خەتەرلىك يوللارنى بېسىپ نېپال ئارقىلىق تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى قارارگاھى-دارامسالاغا قېچىپ چىققان.

ھالبۇكى، يېقىنقى 6 يىلدىن بۇيان تىبەتتىن دارامسالاغا قېچىپ چىقىدىغان تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ سانى بىراقلا ئازىيىپ، يىلىغا تەخمىنەن 100 ئادەمگە چۈشۈپ قالغان.

خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررور» غا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىي جەھەتتىكى كونتروللۇقىنى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيتىشى تىبەتلەرنىڭ ھىمالايادىكى مۇھاجىرەت يولىنى كېسىپ تاشلىغان.

ئامېرىكىلىقلار تۆلىگەن باج پۇلى بىلەن دارامسالاغا قۇرۇلغان تىبەت مۇساپىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى 1959-يىلىدىن بۇيان نەچچە ئون مىڭلىغان تىبەتلىكلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن.

مەزكۇر مەركەزنىڭ 500 نەپەر مۇساپىرنى بىر يولدا قوبۇل قىلالايدىغان بىناسى 2011-يىلى رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان بۇ يەرگە قېچىپ كېلىدىغان تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئازىيىشى بىلەن مەزكۇر مەركەزنىڭ ئۆيلىرىمۇ بوش قېلىشقا باشلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت