ئاممىۋى گۇرۇھلار تىبەت ئانا تىل تەشەببۇسچىسى تاشى ۋاڭچۇنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىدى

چەتئەلدىكى ئاممىۋى گۇرۇھلار جۈمە كۈنى تۈرمىدىكى تىبەت ئانا تىل تەشەببۇسچىسى تاشى ۋاڭچۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىغان. سۈرگۈندىكى تىبەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى جۈمە كۈنى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا باشلانغان. ھەرىكەتنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە مەركىزى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلار باشلىغان.

بۇ يىل 31 ياشلىق تاشى ۋاڭچۇ چىڭخەي ئۆلكىسى يىشۇ ناھىيەسىنىڭ پۇقراسى بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر 1‏-ئايدا قولغا ئېلىنغان ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئىلگىرى ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» ئۇنىڭ تىبەتلەر ھەققىدىكى قىسقا فىلىمى-«تىبەتلەرنىڭ دۇرۇستلۇق يولى» نى ئىشلەشكە ياردەم قىلغان.

سۈرگۈندىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قىسقا فىلىم ناھايىتى غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، تاشى ۋاڭچۇ شۇ سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان. ئەمما ئۇ بۇرۇن ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى قوغداشقا چاقىرىپ كەلگەن.

تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەگەر سوت ئۇنىڭ «جىنايىتى» نى مۇقىملاشتۇرسا، ئۇنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. دارامسالادا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلانغان كۈنى يەنە، تىبەتلەر كانادانىڭ تورونتو شەھىرى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.