خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارى تىبەتتە دىنىي كونترولنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.12.29

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت بۇددىستلىرىغا قىلىۋاتقان بېسىمى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا، تىبەت ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى دىنغا قاراتقان كونترولنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ يىڭجې پەيشەنبە كۈنى قىلغان بىر سۆزىدە «كومپارتىيىنىڭ تىبەتتىكى دىنغا قاراتقان كونترولىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى «يامان غەرەزلىكلەر» دەپ ئەيىبلەپ «تىبەتتىكى دىنغا ئىشەنگۈچىلەر چوقۇم دالاي لامادىن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىقتىن ئەلالىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك» دېگەن.

تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوتى 10 نەپەر تىبەت راھىبىنى ئوخشىمىغان سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 5 يىلدىن 14 يىلغىچە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان. ئىدى. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرىدا بۇ راھىبلارنىڭ دالاي لامانىڭ 80 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.