ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقاندا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ خىل يىرىكلىكتىن كېلىپ چىقىش ئالدىدا تۇرغان تېخىمۇ زور توقۇنۇشقا كىرىپ قالماسلىقنى ئىستەۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگىن (Josh Rogin) ئىمزاسىدا 7-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا خىتاينىڭ «تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەسلىكى» يەنە بىر قېتىم نامايان بولۇشقا باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقانلىرى ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرى بىلەن زادىلا چەك باسماي كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاپتور بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ يېقىندا ئاياغلاشقان 2023-يىللىق «شاڭرىلا مۇنبىرى» دە «مەلۇم دۆلەت» دېگەن شەكلىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى ئەڭ ناچار ئىبارىلەر بىلەن چېقىۋالغانلىقىنى مىسال ئالغان. لى شاڭفۇ بۇ يىغىندا ئاشكارا قىلىپ «بىزنىڭ ئاممىباب ناخشىلىرىمىزنىڭ بىرىدە ‹دوستلار كەلسە مەي-شاراپ، بۆرە كەلسە مىلتىق-پىچاق› دېگەن قۇرلار بار» دېگەن. لى شاڭفۇنىڭ يېرىم سائەتلىك سۆزىدە بۇ خىلدىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئىبارىلەر كۆپلەپ قوللىنىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر قاتار بۇيرۇقۋازلىق ئاھاڭىدىكى تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا تاشلانغان.
ئاپتور ئۆزى زىيارەت قىلغان بىر قاتار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرى ئاساسىدا «خىتاي ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ‹بۇ رايوندىن تېز چىقىپ كەت› دېگەن ئۇچۇرنى يوللاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نەزىرىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى «نورماللاشتۇرۇش» ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالماسلىقى، تەيۋەن مەسىلىسىدىن ۋاز كېچىشى ھەمدە خىتاينىڭ تەڭسىز سودا پائالىيىتىگە يول قويۇشى لازىم. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىپ «بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئاقىلانە ئىش شۇكى، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، ئاسىيا رايونىدا بەردەم تۇرۇشتۇر» دەيدۇ.