دۇنيا تىنچلىق تەشكىلاتى: «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان خاتا مۇئامىلىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك»

دۇنيا تىنچلىق تەشكىلاتى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتمىسا، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىش ئۇنىڭغا قايىل بولۇش بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇخبىرى سىلۋىيە ساۋېدرا قەلەمگە ئالغان ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، خەلقئارا داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەيدىغان كارخانىلارغا يۆتكىگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىدىكى رەھىمسىز ئىنكاسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدا: «ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاينىڭ يۇقۇمغا بولغان ئىنكاسى لاگېرلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئاچارچىلىق ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلدى،» دېيىلگەن.

ماقالىدە تەكىتلىشىچە، خەلقئارانىڭ بۇ خىل قىلمىشلاردا «كۆزىنى يۇمۇۋالماسلىقى، ‹رىۋاندا قىرغىنچىلىقى› دا يۈز بەرگەن خاتالىقنى تەكرارلىماسلىقى ئۇنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى» ئىكەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەك كەچ قېلىشتىن بۇرۇن ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتكە قارشى تۇرۇشى ياكى بۇ خىرىسقا باش ئېگىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتكە تەۋەككۈل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.