خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىغا ئون مىڭدەك «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-ئۆكتەبىر تارقاتقان خەۋىرىدە مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولى ئون مىڭدەك «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى، ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 4500 يۈەن ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيىتىلىشىچە، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنىڭ قۇرۇلۇشى 2018-يىلنىڭ ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، 2022-يىل 6-ئايدا تاماملىنىدىكەن، بۇ تۆمۈر يولنىڭ خوتەن بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئۇزۇنلۇقى 825 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، خوتەننىڭ لوپ، كېرىيە، نىيە ناھىيىلىرى بىلەن چەرچەن، چاقىلىق ناھىيەلىرىنى تۇتاشتۇرىدىكەن.

بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل خىتاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان نامراتلار ئىكەن. خوتەننىڭ نامرات دېھقانلىرىدىن 500 دەك كىشى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يول چىڭداش دېگەندەك تېخنىكا تەلىپى تۆۋەن ئىشلىرىغا سېلىنغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كونترول قىلىش سىياسىتى ئاۋۋال خەلقنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ئاندىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش باھانىسىدە ئۇلارنى بېقىندى ئىشلەمچىلەرگە ياكى قۇل ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇش بولۇپ، دېھقانلارنى ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىكىدىن ئايرىۋېتىپ، قارا ئىشچىلىققا سېلىشمۇ ئەنە شۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەن.