ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تور تازىلىغۇچى» يۇمتال خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يان تېلېفونلىرىغا «تور تازىلىغۇچى» نامىدىكى يۇمتالنى ئورنىتىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ يەر ئېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىدىكى يېڭى تەدبىر» دەپ تەنقىدلەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يۇمتال يانفونلاردىكى «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» مەزمۇنىدىكى ھەرقانداق ماتېرىيالنى ئاپتوماتىك بايقىيالايدىكەن ھەمدە ئۆچۈرەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېلېفوننىڭ ئىگىسى بىخەۋەر ئەھۋالدا يانفوندىكى ئابونت كىملىك كارتىسى (SIM)، سىمسىز تورغا چىقىش ئۇچۇرى، شۇنىڭدەك ئۈندىدار ۋە باشقا ئەپلەر ئارقىلىق ئۆتكەن بارلىق ئۇچۇرلارنى مۇلازىمەت مەركىزىگە يوللاپ بېرەلەيدىكەن. ھازىر يول-يوللاردىكى ساقچىلار ئۆتكۈنچىلەرنىڭ تېلېفونلىرىدا ئاشۇ يۇمتالنىڭ بار-يوقلۇقىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەنلىكى مەلۇم.

پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئومۇملىشىش ئالدىدا تۇرغان بۇ تەدبىر ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىنگلىز، فىرانسۇز، گېرمان، ئىتاليان قاتارلىق تىللاردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بېرىلگەن. بۇ ھەقتە «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» دىن مايا ۋاڭ پىكىر قىلىپ «شىنجاڭدا خىتاي ساقچىلىرى خالىغىنىنى قىلالايدۇ، ھېچكىممۇ ئۇلارغا قارشى چىقالمايدۇ. ئەسلىدە خەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ يوسۇندا خەلقنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرۈشى، ئەمەلىيەتتە قوپاللىق بىلەن خەلقنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ كۆرسەتكەن.

تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى بىردەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنى ھەرقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.