پرېزىدېنت ترامپ: «ئىراننىڭ ئۆزگىرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى»

ئۆتكەن ھەپتە ئىراندا پارتلىغان ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ يېڭى يىل مەزگىلىدىمۇ داۋام قىلغانلىقى مەلۇم.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 31‏-دېكابىر ئىراننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىدا 10 ئادەم ئۆلگەن. بۇنىڭ بىلەن نامايىش پارتلىغاندىن بۇيان ئۆلگەن ئادەم سانى 12 گە يەتكەن. 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. خەۋەرلەردە تېھران، ئىسفاھان، غەربىي ئەزەربەيجان قاتارلىق رايونلاردا ئاز دېگەندە 370 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى تۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراندا ئۆزگىرىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ترامپ باياناتىدا «ئىران ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان بەربات كېلىشىمگە قارىماي، ھەر جەھەتتىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماقتا. بۈيۈك ئىران خەلقى يىللاردىن بېرى بېسىم ئاستىدا ياشاپ كەلدى. ئۇلار ئاشلىق ۋە ئەركىنلىككە موھتاج. كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىراننىڭ بايلىقى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماقتا. ئىراننىڭ ئۆزگىرىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى،» دېگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاق ساراي ئىران خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى سارا خاكابى ساندرېس «ئامېرىكا ئىران خەلقىنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى قوللايدۇ. ئىران خەلقىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈشكە ھەققى بار،» دېگەن ئىدى.

28‏-دېكابىر ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىدە مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى پارتلىغان نامايىش ناھايىتى تېزلا ئىراننىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭىيىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغان. ئىران پرېزىدېنتى روھانىي يېڭى يىلنىڭ ھارپا كېچىسى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، «ئىران خەلقىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە تەنقىد قىلىش ھوقۇقى بار» لىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرقانداق زوراۋانلىققا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ فېيسبۇك، تۋىتتېر، ئىنستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا كىرىشىگە چەكلىمە قويغان.