نىڭشيادىكى تۇڭگانلارنىڭ خىتاينىڭ دىنىي تەقىپلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2018.07.30
بۈگۈن نىڭشيادىكى تۇڭگانلارنىڭ خىتاينىڭ دىنىي تەقىپلىرىگە قارشى زور كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى سىن خەۋەرلىرى تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالدى.
سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېشىغا تۇڭگانلارنىڭ ئاق دوپپىسىنى كىيگەن مىڭلىغان تۇڭگانلار نىڭشيادا شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ توۋلىغان شوئارلىرىدىن تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلغانلىقى، مەسچىتلەرنىڭ قۇببىلىرى ئۈستىدىكى ئىسلامنىڭ بەلگىسى بولغان ئاي-يۇلتۇزنى ئېلىۋېتىشكە ۋە دىنىي تەلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنى تاقاشقا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەردە ۋە بۇ ۋەقەگە دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدا نىڭشيادىكى تۇڭگانلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە چىڭىپ كېتىۋاتقان دىنىي تەقىبلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەندىزىسى» نى تۇڭگانلار رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ھالبۇكى، نىڭشيادىكى تۇڭگانلار نامايىشىنىڭ سەۋەبى، جەريانى، قاچان ۋە قەيەردە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە رادىيومىز تېخى ئۆ ئالدىغا مۇستەقىل دەلىللەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان، نىڭشيا، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى تۇڭگانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ ئىسلام دىنىغا بولغان چەكلىمىلەر كۈچىيىپ، خىتاينىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىنىڭ ئوچۇقچىلىققا چىقىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.