فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ئەستىر بېنباسسا دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇغۇت چەكلەش ھەرىكىتىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك، دېگەن.
فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ئەستىر بېنباسسا خانىم فىرانسىيە خەلقئارالىق رادىيوسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماسلىققا ياكى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغان. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشى بىر يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما بۇ ھەقىقەتەن بىر زىيانكەشلىك،» دېگەن.
29-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلەپ ماڭغانلىقى ۋە 2020-يىلىغا كەلگەندە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى نۆلگە چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ چەكلىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا زور كۆلەمدە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى دېيىلگەن.
فىرانسىيەلىك سىياسەتچى ئەستىر بېنباسسا سۆزىدە «بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىدە شەك يوق،» دېگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم ھەققىدە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە «بىز بۇ ھەقتە ئىجابىي قەدەملەر تاشلىنىشىنى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.