تۈركىيەنىڭ ھۆرىيەت گېزىتىدە رابىيە خانىمنىڭ تۈرك ساقچىلىرىغا مىننەتدارلىق خېتى خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.01.20


بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ گېزىتلىرىدىن بىر بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرك ساقچىلىرىغا قارىتىپ يازغان مىننەتدارلىق خېتى خەۋەر قىلىندى. مەزكۇر خەتتە، تۈرك ساقچىلىرىنىڭ رېينا تېررورچىسىنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان. خەۋەردە مەزكۇر خەتتىن نەقىللەر بېرىلگەن بولۇپ، تۈرك ساقچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى سېلىشتۇرۇلغان. سېلىشتۇرمىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىدە قولىدا ئاپتوماتىك قورالى بولمىغان گۇماندارلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىپ بارغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن رابىيە خانىم، تۈرك ساقچىلىرىنىڭ يېنىدا قورالى بولۇش ۋە ئۆزىنى ھەر ۋاقىت پارتلىتىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان بىر تېررورچىنى، بىر پاي ئوق چىقارماي تىرىك تۇتقانلىقىنى «بۇ يالغۇز، ماھارەت ۋە تەجىرىبە مەسىلسى ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا قانۇنىي ۋە ئىنسانىي ئەخلاق مەسىلىسى» دەپ مەدھىيەلىگەن. ھۈرىيەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىكى نەقىللەردىن بىرىدە يەنە، رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن خۇددى بۇرۇنقىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ياردەم كۈتىدىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى تۈرك دۆلىتىنىڭ ئۆرە تۇرۇشى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ئامانلىقى ئىكەنلىكى بايان قىلغان.

بۇ رابىيە خانىمنىڭ رېينا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈرك خەلقىغە خىتابەن يازغان ئىككىنچى قېتىملىق باياناتىدۇر، رابىيە خانىم ئالدىنقى قېتىملىقىدا تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە جاۋابەن، ئەگەر تېررورچىنىڭ كىملىكىدە ئۇيغۇر دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئۇيغۇر دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىنى دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.