تۈركىيە تايلاندتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق گۇماندارلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ مۇجىمەللىكىنى بىلدۈردى


تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇخبىرلارغا، تايلاندتىكى پارتلاشتا تۈركىيە پۇقرالىرىغا چېتىلىدىغانلىقىغا ئائىـت خەۋەرلەرنىڭ ناھايىتى مۇجىمەللىكىنى، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇنى دەرھال ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند دائىرىلىرى بانكوكتىكى پارتلاشقا چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان 8 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيىنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ۋەقەنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا چېتىلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھازىرغىچە تايلاند دائىرىلىرىدىن ئۆزلىرىگە بىر رەسمىي بىر ئۇقتۇرۇش كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ئەلچىخانىسى باياناتىدا يەنە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، تايلاند دائىرىلىرىنى ۋەقە ھەققىدە «ئېنىق ۋە توغرا» ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

تايلاند دائىرىلىرى بانكوكتىكى پارتلاش يۈز بېرىپ، ئارقىدىنلا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قولىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق بىر شارائىتتا «پارتلاشنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىق قوزغىۋالغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا ئېنىقسىز مەلۇماتلارنى بېرىشنى داۋام قىلىشى ۋەقەگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئالدىنقى كۈنىدىكى باياناتىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ پاكىتلىرىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشقا چاقىردى.