تۇرپان يالقۇنتاغنىڭ تېمپېراتۇرىسى 80 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىپ، تارىخىي رېكورت ياراتقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.07.18

 ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان شەھىرى بۇ ھەپتە تارىختىكى ئەڭ قاتتىق ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بۇ شەھەرگە قاراشلىق بىر قىسىم جايلارنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تارىخىي رېكورت ياراتقان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  16-ئىيۇل كۈنى تۇرپاندىكى يالقۇنتاغنىڭ يەر ئۈستى ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 80 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ بارغان. خىتاي تاراتقۇلىرى، يالقۇنتاغدىكى بۇ قاتتىق ئىسسىقنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ لاگېر ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن.

چەت ئەل مېتېئورولوگىيە ئورگانلىرى 17-ئىيۇل تۇرپان ئاستانا بازىرىنىڭ 16-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنىدىكى تېمپېراتۇرىسىنىڭ 52.2 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، بۇ جاينىڭ شۇ كۈنى كالىفورنىيە شتاتىدىكى «ھالاكەت جىلغىسى» دىن قالسىلا دۇنيانىڭ ئەڭ ئىسسىق جايى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى»گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە، يالقۇنتاغنىڭ شۇ كۈنكى يەر ئۈستى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئاستانا بازىرىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى، يالقۇنتاغنىڭ يەر ئۈستى تېمپېراتۇرىسىنىڭ 80 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ بارغانلىقى، خىتاي مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ «قاتتىق ئىسسىق كەلگۈسى بەش كۈندە داۋاملىق كۆرۈلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر رايوندا كۆرۈلگەن قاتتىق ئىسسىق، خىتاينىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» پىلانى بويىچە رايونىدا قۇرۇپ چىققان نۇرغۇنلىغان كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ ھاۋاغا كۆپلەپ زەھەرلىك كاربون گازى قويۇپ بېرىپ، رايوننىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى داۋاملىق بۇلغاۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۆزىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، تۇرپان يالقۇنتاغ رايونى ئۇنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى بەرپا قىلىش ھەرىكىتىدە خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىدىغان مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.