UHRP نىڭ يېڭى دوكلاتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساياھەتچىلىك» نىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلدى
2024.01.17
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى «ساياھەتچىلىك» پائالىيىتى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇ جايدىكى «بەختىيار ۋە ئىناق» جەمئىيەت كارتىنىسىنى دۇنياغا سۇنۇپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 17-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا يوشۇرۇنغان بارلىق مەقسەتلىرىنى تولۇق پاش قىلدى.
دوكلاتتا ياۋروپادىكى 18 دۆلەتنىڭ ساياھەت شىركەتلىرى تەشكىللىگەن ئۆمەكلەرنىڭ پائالىيىتى قامچىلىنىپ: «بۇ ئۆمەكلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سادىر بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت قىلدۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يانچۇقىنى توملىماقتا، شۇنىڭدەك قىرغىنچىلىقتىن مەنپەئەت ئالماقتا. بىز بۇ قىلمىشنى تېزدىن توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلىدۇ.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى بەش ساياھەت شىركىتىمۇ 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەت ئۆمەكلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇنىڭدىن مۇئەييەن ساندا ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. دوكلاتتا مۇشۇ ئەھۋاللار ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ «بىز شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بېرىشنى مەنئى قىلىش لازىم، دەۋاتقىنىمىز يوق. بەلكى ساياھەت ئۆمەكلىرىنى بۇ رايونغا قارىتىلغان ساياھەتنى تەشكىللىمەسلىككە دەۋەت قىلىۋاتىمىز» دېيىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان ھەرقانداق ساياھەتچىنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىشى ياكى ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇڭا ئۇلار پەقەت ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساختا مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ قايتىپ كەلمەكتىكەن.