خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەيدىكى «ئۈرۈمچى كوچىسى» نىڭ تاختىيىنى ئېلىۋەتكەن

ئ‍ۈرۈمچىدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىنىڭ خىتاي مىقياسىدىكى يۇقۇم قامالىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، «ئۈرۈمچى» دېگەن بۇ ئىسىمنى نازۇك سىياسىي نامغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. «ئۈرۈمچى» نىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە سىمۋۇللىق ئىسىمغا ئايلىنىپ قېلىشى ئارقىسىدا دائىرىلەر شاڭخەي شەھرىدىكى «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا كوچىسى» دېگەن تاختاينى ئېلىۋەتكەن.

«ئۈرۈمچى ئوتتۇرا كوچىسى» ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بېرى شاڭخەي پۇقرالىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرگە ھېسداشلىق قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم قامالىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەركىتىدىكى نامايىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 27-نويابىر شاڭخەي شەھىرىنىڭ «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا كوچىسى» دېگەن تاختىيىنى ئېلىپ تاشلىغان. ئىككى ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ تاختاينى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا تارتىلغان سۈرىتى خىتايدىكى ئ‍ىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان. 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ بازارغا يېقىن جايدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە چىقىش ئىشىكىنىڭ كارانتىن سەۋەبلىك قۇلۇپلاپ قويۇلۇشى تۈپەيلى نۇرغۇن كىشى بىنادىن چىقالماي ئۈلگەن ئىدى.

بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەركىتىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ نارازىلىق ھەركىتى ناھايىتى تېزلا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئ‍ۆلكىلىرىگە كېڭىيىپ، شاڭخەي، بېيجىڭ، ۋۇخەن، چوڭچىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەرگىچە تارقالغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27-نويابىر كېچىسى، يەنى شاڭخەي شەھىرىدىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەركىتىنىڭ 3-كۈنى، نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچى ئامما ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

نامايىشچىلار «قامال بىكار قىلىنسۇن»، «شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن»، «كومپارتىيە تەختتىن چۈشسۇن» دېگەن شۇئارلارنى توۋلاشقان. 28-نويابىر كۈنى ئەتىگەندە بېيجىڭدىكى پايتەخت 3-ئايلانما يولىنىڭ لياڭماخې بۆلىكىگە يېقىن جايىدا ئاز دېگەندە بىرەر مىڭدەك ئامما نامايىش قىلىپ، «ماسكا تاقىمايمىز»، «بىزگە ئەركىنلىك كېرەك»، «كوۋىد سىنىقى توختىتىلسۇن» دېگەن شۇئارلارنى توۋلاشقان.