خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى بىلەن كورلا ئارىسىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاشيول تونېلنى ياساشقا باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.12.04

خىتاي ھۆكۈمىتى زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، تەڭرى تېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك تېز سۈرئەتلىك تاشيول تونېلىنى ياسىماقتىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، «تەڭرىتېغى غالىبىيەت تونېلى» نام بېرىلگەن بۇ تېز سۈرئەتلىك تاش يول تونېلىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن كورلا ئارىسىدىكى مۇساپىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىنىڭ قاتناش ئالاقىسىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر يەنە بۇ تونېل ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدا يېڭى قاتناش يولى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنى خەلقئارا سودىدا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر تونېل قۇرۇلۇشى ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا غا قارىتا چەكلىمە ۋە بايقۇتنى كۈچەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇ تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى خەلقئارا قۇرۇقلۇق سودىسىدا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 22 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق بولغان مەزكۇر تونېلدا 2025-يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى-كورلا ئارىسىدىكى ھازىرقى يەتتە سائەتلىك قاتناش مۇساپىسى 3 سائەتكە قىسقىرايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرگە كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىنىڭ مۇھىم سودا قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتكەن. شۇنداقلا رايوننىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتىنى شىددەت بىلەن كېڭەيتكەن. خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىنى «ئەركىن سودا رايونى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.