«ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى» نىڭ «غالىبىيەت تونېلى» تاماملاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.12.30

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى» نىڭ تەڭرى تېغىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان «غالىبىيەت تونېلى» 30-دېكابىر رەسمىي پۈتكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تېز سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى ھېسابلىنىدىغان ‹غالىبىيەت تونېلى› نىڭ پۈتۈشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىدۇ» دەپ تەنتەنە قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلى 4-ئايدا باشلانغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىشى، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كىرىشكەن بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى غالىبىيەت تونېلىنىڭ پۈتۈشى، ئۈرۈمچى بىلەن كورلا ئارىلىقىدىكى يەتتە سائەتلىك مۇساپىنى ئۈچ سائەتكە قىسقارتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قاتنايدىغان لىنىيەنى «زور دەرىجىدە قولايلاشتۇرىدىكەن». خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېيتىلىشىچە، 22 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇ تونېل تەڭرى تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئادەتتە بىر قانچە سائەتتە ئۆتىدىغان مۇساپىنى 20 مىنۇتقا چۈشۈرىدىكەن.

 قەيت قىلىنىشىچە، بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول 2025-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي قاتناشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قۇرۇلۇشنى «يولنى قىسقارتىدۇ» دەپ دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ بۇنىڭ 2017-يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا بەرپا قىلغان زور كۆلەملىك يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بىلەن زىچ ئالاقىدار ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ رايونلاردىكى يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.