ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان خىتاي مەركىزىي مۇپەتتىش ئالتىنچى گۇرۇپپىسى 13-ئۆكتەبىر كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر، شۇنداقلا بارلىق نازارەتلەرنىڭ باشلىقلىرى قاتناشقان. باشقا ۋىلايەت ۋە ناھىيە رەھبەرلىرى تېلېفون يىغىنى شەكلىدە قاتناشقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئالتىنچى مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ روڭجۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىنىڭ قانداق ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى تەپتىش قىلىدىكەن. يىغىندا ۋاڭ روڭجۈن ھەرقايسى نازارەت ۋە ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى ئىدارىلەرنىڭ «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» ۋە سىياسىي ھۇشيارلىقنى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆستۈرۈش لازىملىقىنى، بۇنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنداقلا مۇپەتتىشلىك خىزمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك فۇنكىتسىيەسىنى قانچىلىك ئىجرا قىلغانلىقى» نى كۆزدىن كەچۈرىدىغان سىياسىي نازارەت ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن.
مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئىككى ئايدىن بېرى ئۈرۈمچىدە خىزمەتتە بولۇۋاتقان مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقانلىقىنى رەھبىرىي قاتلامدىكىلەرگە قارىتىلغان يېڭى بىر قېتىملىق سىياسىي باستۇرۇشنىڭ رەسمىي باشلىنىشى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.
خەۋەردە گەرچە بۇ تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان ئاساسلىق رەھبىرىي ئورۇندىكى كادىرلارنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزاملارغا رىئايە قىلىشى ھەمدە ئۇلار ھەققىدە تاپشۇرۇۋېلىنغان ئەرز-شىكايەتلەرگە قاراپ چىقىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئانالىزچىلار بۇنىڭ ئۆتكەنكى سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئامان قالغان ئاخىرقى ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئاپەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن.