خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ بايلىقىنى كونترول قىلىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان
2024.12.31
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 31-دېكابىر چىقارغان سۈرەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ بايلىقىنى كونترول قىلىش قۇرۇلۇشى بولغان چوڭ مىڭقات سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تاماملانغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇزۇنلۇقى 247 مېتىر كېلىدىغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز سېمونت توسمىلىق بۇ سۇ ئامبىرى ئەسلىدىكى مۆلچەردىن 8 ئاي بۇرۇن تاماملانغان.
«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 2022-يىل 3-ئايدا بەرگەن خەۋىرىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، چوڭ مىڭقات سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، 2019-يىل 11-ئايدا ئىش باشلانغان؛ تاغ جىلغىسىغا غايەت چوڭ سۇ توسمىسى ياساپ، سۇ ئامبىرى ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، قۇرۇلۇشنى 2026-يىل تاماملاش پىلانلانغان.
بۇ قۇرۇلۇش ئاقسۇ دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان قۇمئېرىق دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى پاسىلىدىكى چوڭ مىڭقات جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەڭ چوڭ توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 247 مېتىر، سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 170 مىليون كۇب مېتىر، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمى 750 مىڭ كىلوۋات بولۇش مۆلچەرلەنگەن.
كۆزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ خىتاي نوپۇسى كۆچۈرۈش مەقسىتىدە بۇ رايوننىڭ سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ، «تيەنجىن بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىنى جۇڭغار چۆللۈكىگە باشلاش»، «تىبەتتىكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاش» دېگەندەك پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ئەمەلگە ئاشمىغانىدى. چوڭ مىڭقات تۈگۈنى سۇ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قېتىملىق چوڭ سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاقسۇدىكى بىڭتۈەن رايونلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خىتاي نوپۇسى مەركەزلەشكەن چوڭ شەھەرلەرنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.